澳门永利平台游戏永利取款取不了

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

老永利app永利游戏平台下载

2019.08.19 16:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەلۇم تەشكىلاتنىڭ 18-چېسلا ساقچىلارغا قارىتىلغان يىغىلىش قىلىش شوئارىغا قارىتا، شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونلۇق ھۆكۈمىتى ئەپسۇسلىنىپ، ساقچىلارنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

  ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: شياڭگاڭ ئەزەلدىن ئىنتايىن بىخەتەر شەھەر، 2018-يىلى خاتىرىلەنگەن ئومۇمىي جىنايەت دېلوسى 54 مىڭ 225 بولۇپ، 2017-يىلىدىكىدىن 1792ى ئازىيىپ، %3.2 تۆۋەنلەپ، 1974-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشكەن؛ ھەر 100 مىڭ نوپۇس بويىچە ھېسابلىغاندا جىنايەت دېلولىرىنىڭ نىسبىتى 728 بولۇپ، 1970-يىلىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەكتە بولغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، ساقچى ئەترىتى 2018-يىلى ئېلىپ بارغان مۇلازىمەتتىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاممىنىڭ پىكرىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، %84 زىيارەت قىلىنغۇچى ساقچى ئەترىتىنىڭ ئومۇمىي مۇلازىمەت ئىپادىسىدىن «ئىنتايىن رازى» ياكى «ناھايىتى رازى» بولۇپ، 2000-يىلى ساقچى ئەترىتىنىڭ مۇلازىمىتىدىن رازى بولۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىگەن.

  باياناتچىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى، ئۆتكەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئۆتكۈزۈلگەن نۇرغۇن ئاممىۋى نامايىش ۋە يىغىلىشلاردىن كېيىن، رادىكال ۋە زوراۋان نامايىشچىلار ساقچى تەرەپنىڭ مۇداپىئە لىنىيەسىگە كۆپ قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، يولنى خالىغانچە توسۇپ، جامائەت ئەسلىھەلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، نۇرغۇن جايغا ئوت قويغان ھەمدە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك قوراللار بىلەن ساقچى خادىملىرىغا ھۇجۇم قىلغان، شۇنداقلا خىش ۋە بېنزىن بومبىسى ئاتقان، بۇنىڭ بىلەن كۆپلىگەن ساقچى مەھكىمىسىنىڭ جەمئىي 75 قېتىمدىن ئارتۇق ھۇجۇم ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ساقچى تەرەپ قانۇنغا خىلاپ بۇ ۋەقەلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىپ، پەقەت زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندىلا، ئاندىن ئەڭ تۆۋەن قوراللىق كۈچ بىلەن نامايىشچىلارنى تارقىتىپ، جەمئىيەت تەرتىپىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە مەجبۇر بولدى. ھازىرغىچە 180 دەك ساقچى خادىمى زوراۋان نامايىشچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ يارىلاندى.

  ساقچى خادىملار ئىزچىل غايەت زور خىزمەت بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىپ، كۆپ ھاللاردا ئۇزۇن ۋاقىت ۋەزىپە ئىجرا قىلدى. ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە پاراكەندىچىلىك ۋە بوزەك قىلىشقا ئۇچرىدى، تۇرۇۋاتقان ياتىقى تېخىمۇ زوراۋانلىق ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ياتاقتا تۇرىدىغان ئايال-بالىلىرى پاراكەندىچىلىككە ۋە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. قىيىنچىلىقتا قالغان پەيتتە، ھەر قايسى ساقچى خادىملار يەنىلا قورقماستىن، ئۆز خىزمىتىگە سادىق بولۇپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن-ئىنتىزامنى قوغدىدى.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى ساقچىلارنىڭ قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ، بارلىق ساقچى خادىملارنىڭ جەمئىيەت تەرتىپى ۋە خاتىرجەملىكىنى تىرىشىپ ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىدۇ ھەمدە قانۇن-ئىنتىزامنى كۆزگە ئىلمايدىغان زوراۋان نامايىشچىلارنى قانۇن بويىچە جازالاپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ھاياتى ۋە مال-مۈلكىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  باياناتچى مۇنداق دېدى: ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتى شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تىنچ يىغىلىش ئۆتكۈزۈش ۋە ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش ھوقۇقىغا ئىنتايىن ھۆرمەت قىلىدۇ ھەمدە ئاممىۋى يىغىلىش ۋە نامايىشقا قاتناشقان زاتلارنى تىنچ ئىدراكىي ئۇسۇل بىلەن پىكىر بايان قىلىشقا، زوراۋانلىقنى رەت قىلىپ، شياڭگاڭنىڭ تەرتىپىنى تېزدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئەقلىگە قايتىپ، قايتىدىن يولغا چىقىشقا يەنە بىر قېتىم مۇراجىئەت قىلىدۇ.

  بۇنىڭدىن باشقا، 17-چېسلا شياڭگاڭدىكى قىسمەن نامايىشچىلار قاتناشنى توسۇپ، ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىپ، ساقچىلارغا كېرەكسىز نەرسىلەرنى ئاتتى. شۇ كۈنى كەچتە شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونى ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى قانۇنغا خىلاپ بۇ قىلمىشلارنى ئەيىبلىدى.

  باياناتچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى جيۇلۇڭ شەھەر رايونىدىكى نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش پائالىيىتىدە، بىر قىسىم نامايىشچىلار جيۇلۇڭ شەھەر رايونى ۋە يۇجيەنۋاڭ رايونىدا يولنى زوراۋانلىق بىلەن ئىگىلىۋېلىپ، قاتناش تەرتىپىنى بۇزدى؛ بەزى نامايىشچىلار قانۇن كېڭىشى ئەزالىرى ئىش بېجىرىش ئورنى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ رايون ئەسلىھەلىرىگە خالىغانچە بۇزغۇنچىلىق قىلدى؛ يەنە بەزىلەر ساقچى مەھكىمىسىنىڭ سىرتىغا يىغىلدى ھەمدە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىدى. بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلار شياڭگاڭنىڭ قانۇن ئىدارە قىلىشىغا خىرىس قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا تەسىر يەتكۈزدى، ئۇنى چوقۇم ئەيىبلەش كېرەك.

  شياڭگاڭ ساقچىلىرى نامايىشچىلارنى جامائەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جەمئىيەت تەرتىپىنى نەزەرگە ئېلىشقا مۇراجىئەت قىلدى ھەمدە نامايىشچىلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ تىنچلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى ئەيىبلىدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى ۋە خەلق گېزىتى مۇخبىرى ليەن جىنتيەن، چېن رەن خەۋىرى)

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ