澳门永利游戏网址yl必发365手机网址

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

亚洲必赢线路1云顶游戏中心

2019.09.03 15:36 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3- سېنتەبر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش تېما تەربىيىسىنى قانات يايدۇرغاندىن كېيىن، ئاممىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلغىلى بولىدۇ؟ يۈننەن ئۆلكىلىك مەدەنىيەت ساياھەت نازارىتىنىڭ ئۇسۇلى، يەنى باش تېمىلىق تەربىيە دەرسخانىسىنى قىزىق نۇقتا مەنزىرە رايونلىرىغا كۆچۈرۈپ كىرىپ، ساياھەتچىلەردىن پىكىر ئېلىش ئۇسۇلى كىشىلەرگە ئىلھام بېرىشى مۇمكىن. "مەنزىرە رايونلاردا ئانا-بالىلار ئۆيىنى تەسىس قىلىش-قىلماسلىق"، "قاتناش ئۇسۇلى تېخىمۇ كۆپ مەنبەلىك بولۇش-بولماسلىق"...، ئاساسىي قاتلام بىلەن بولغان «نۆل ئارىلىق»، ئامما بىلەن يۈز تۇرانە بولۇش، مانا بۇلار پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارغا پەرق ۋە يېتەرسىزلىكنى ھېس قىلدۇرۇپلا قالماي، يەنە مۇلازىمەت خىزمىتىدىكى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقتى.

  مەسىلىگە باھا بېرىشكە جۈرئەت قىلغاندىلا، ئاممىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشتا مەسىلىنى ھەل قىلىشنى كۆزدە تۇتۇش، باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئۆلچەشتىمۇ مەسىلىنىڭ قانداق ھەل قىلىنىشىغا قاراش كېرەك. بىز مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىگە قاراپ مېڭىپ، مەسىلىنى چىڭ تۇتۇپ ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى يەنىمۇ تەپسىلىيرەك سوراپ، ئەھۋالنى يەنىمۇ چوڭقۇرراق چۈشىنىپ، تەكشۈرۈش خىزمىتىنى يەنىمۇ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك؛ ئاممىنىڭ غەم-ئەندىشىسىنى ھەل قىلىشتا، تەكشۈرۈپ تۈزىتىش، بىلگەن ھامان تۈزىتىش كېرەك. «دەرھال بېجىرىش» ئاڭلىقلىقىنى يېتىلدۈرۈپ، «ئوقيانى تارتىپ قويۇپلا، ئوقنى ئاتماسلىق»تەك ئەھۋالدىن ساقلانغاندىلا، ئاندىن ئەمەلىي ئۈنۈم ئارقىلىق خەلقنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.

  ئىستىل قۇرۇلۇشى مەڭگۈ مەسىلىگە يۈزلىنىشكە مۇھتاج. كونا مەسىلىلەر ھەل قىلىنغان بىلەن، يېڭى مەسىلىلەر يەنە ئارقا-ئارقىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن. مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك. بۇ پەقەت بىر مەسئۇلىيەتتىن ئىبارەت بولۇپلا قالماستىن، ئۇنى تېخىمۇ ئاڭلىقلىققا ۋە ئادەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ