优德w88中文官网登录永利金猪app下载

___ سانجى ئوبلاستىنىڭ تەرەققىيات دوكلاتى يەتتىنچى قىسمى

永利娱乐合法吗云顶国际的网站是多少

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۇ، جىمسار ناھىيەسى بېيتىڭ بازىرىنىڭ بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان كۆرۈنۈشى. ئۆيلەر تەكشى، كوچىلىرى پاكىز، رەتلىك بولۇپ، نۆۋەتتە پۈتۈن بازارنىڭ كۆكەرتىش نىسبىتى %50تىن ئاشتى.

  سۇ شياۋگاڭ فوتوسى

  بۇ يىل 72 ياشقا كىرگەن جاڭ لىخېڭنىڭ ئەڭ پەخىرىلىنىدىغان يېرى شۇكى، ئۇ ياشاۋاتقان كىچىك بازار بۈگۈنكى كۈندە دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى ماكانى بولۇپ قالدى.

  جاڭ لىخېڭ ئولتۇراقلاشقان كىچىك بازار تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان بولۇپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونۇم ئوبلاستى جىمسار ناھىيە بازىرىنىڭ سەككىز كىلومېتىر شىمالىغا توغرا كېلىدۇ.

  بۇ يەر ئەينى يىللاردا خەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى جىنمەنچېڭ، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بېيتىڭ، جىن، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكى بېشبالىق، دۇنياغا داڭلىق بېيتىڭ باش قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى تۇرۇشلۇق جاي بولۇپ، ئەينى چاغدىكى سىياسىي، ئىقتىساد، ھەربىي ئىشلار ۋە مەدەنىيەت مەركىزى، قەدىمكى يىپەك يولى يېڭى شىمالىي يولىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى ئىدى. تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى لى بەي، سېن شېن، چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جى شياۋلەن قاتارلىق تارىخىي شەخسلەرنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە ئىزىنى ۋە شېئىرلىرىنى قالدۇرغان.

  بۈگۈنكى كۈندە، بۇ يەرگە دۇنيا قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرى «يىپەك يولى: چاڭئەن-تەڭرىتاغ كارىدورى يول تورى»دىكى بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى جايلاشقان بولۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى. يەنە مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق بازار، ئۆزگىچە مەنزىرىلىك ساياھەت بازىرى، مەملىكەت بويىچە ئۆزگىچە كىچىك بازار بولۇپ باھالاندى.

  بۇ كىچىك بازار، دەل بېيتىڭ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ